Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىشى، شەخس:
بەرەھمەن بارىڭ دەپ قوشۇپ نەچچە كەس،
يەنە خىزمەتىمگە يېتىشكۈنچە بەس.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىشى، كىمىسە، ئادەم؛ بى كەس - كىشىسىز، يالغۇز، يېتىم.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كېسىم، توغرام؛ كېسەك، چالما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېسىم، توغرام.
ھەرقانداق نەرسىنىڭ پارچىسى. بىر كەس ئەتمەك _ بىر توغرام نان.
1 - 430
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېسەك، چالما.
تەرەت سىندۇرغاندا ئىشلىتىلىدۇ.
1 - 430