Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەرىم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېخىي، ئالىيجاناب، كەرەملىك:
كەرىم سائىلىنى مەھرۇم ئەيلەمەسلەر دەپ ئۈمىد بىرلەن،
كېلىپمەن دەرگەھىڭغە سەن ئەزىزنى ئىختىيار ئەيلەپ.
شەۋقى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سېخى، ئاقى؛ ئالىجاناپ، مەرت؛ ھۆرمەتلىك ئەر كىشى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تامغا ترتىلىدىغان گۈللۈك چارشاپ. تام كەرىمى _ تام چارشىپى.
1 - 517
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
كەرەملىك، سېخىي، ساخاۋەتلىك. ئەسلىسى: ئابدۇكەرىم. باشقا شەكىللىرى: كەرىمباي، كەرىمجان، كەرىمخان، كەرىمتاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كېرىم، كېرىمجان
سېخىي، ئالىيجاناب، ئېسىل، قەدىرلىك