Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كەركىدان گۈل
بىئولوگىيە
木犀
mùxī
ئەرمىدۇن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال ياكى دەرەخ. قولتۇق بىخى 2 - 3 تال بولۇپ، ئادەتتە كۆكلىمەيدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى ئىللىپس شەكىللىكتىن ئىللىپىسىمان تۆمۈنە شەكىللىككىچە، تېرىلەشكەن، ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلانغان، تۈۋى شىنا شەكىللىك، گىرۋىكى تولۇق ياكى ئالدىنقى يېرىمىنىڭ گىرۋىكىدە شالاڭ ئىنچىكە ھەرە چىشى بولىدۇ. گۈلى ئاق رەڭلىك بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈلتاجى تۆتكە تۈۋى قىسمىغىچە يېرىلىدۇ، گۈل سېپى ئىنچىكە بولىدۇ، مېۋىسى ئىللىپس شەكىللىك ئۈچكىلىك بولىدۇ. بۇ تۈر دائىم ئۇچرايدىغان مەنزىرە دەرىخى بولۇپ، ھەممە جايدا ئۆستۈرۈلىدۇ. گۈلى ئىنتايىن پۇراقلىق بولۇپ، خۇش پۇراق ماي ئايرىۋېلىنىدۇ، ياكى يېمەكلىك، كەمپۈت، ھاراق قاتارلىقلارغا مۇئەتتەر قىلىنىدۇ. ئۇ ئۇلاش ياكى نوتا كۆمۈش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. دائىم ئۆستۈرۈلىدىغانلىرىدىن ئىككى ئۆزگەرگەن تۈرى بار؛ (1) سېرىق كەركىدان گۈل (O. fragrans var. aurantiacus Mak.) گۈلى قېنىق سېرىق، پۇرىقى كۈچلۈك. (2) ئاق كەركىدان گۈل ( O.fragrans var. ,Thun bergii Mak) گۈلى ئاچ سېرىق بولىدۇ.