دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ھۈسەين كەربالادا قازاغا ئۇچرىغان ۋەقە كۈزدە تۇتۇلىدۇ. مۇئاۋىيەنىڭ ئوغلى يەزىد 680 - يىلى خەلىپە بولدى. ھۈسەين بۇنىڭغا قايىل بولمىدى. ھۈسەيىن ئۆيدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە مەككىدىن كۇفەگە بېرىپ ئۆزىنى قوللىغۇچىلار بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ ماڭغاندا ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ تۆت مىڭ ئاتلىق ئەسكىرى قوغلاپ كېلىپ كۇفەنىڭ يېنىدىكى كەربالادا ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالدى. دۈشمەنگە تەڭ كېلەلمەي كۆپىنچىسى قازا قىلدى. ھۈسەيىننىڭ بېشى كېسىۋېلىنىپ دەمەشىقتىكى يەزىدنىڭ ئوردىسىغا ئەۋەتىپ بېرىلدى. شۇ كۈنى دەل ھىجىرىيە 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى (ئاشۇرا كۈنى) بولغاچقا، شىئە مەزھىپى ھۈسەيننى شېھىت بولغان ۋەلى دەپ تونۇپ، بۇ كۈننى شىئە مەزھىپىنىڭ ماتەم كۈنى قىلدى. كېيىن ئاشۇرا خاتىرىسى بولۇپ تەرەققىي قىلدى. ھۈسەيىننىڭ بېشى قازاغا ئۇچرىغان يەرگە قايتۇرۇپ كېلىنىپ، تېنىگە قوشۇپ دەپنە قىلىندى. كېيىن ئۇ يەرگە قەبرىگاھ ۋە مەسچىت سېلىنىپ، ئۇ يەر شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىدىن بىرى قىلىندى.