Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كەمتۈك پارلامېنت
دۇنيا تارىخى
残阙国会
cán què guó huì
ⅦⅩ ئەسىردە ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىي مەزگىلدە. 1648 - يىلى 12 - ئايدىن 1653 - يىلى 4 - ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پارلامېنتنىڭ مەسخىرىلىك ئاتىلىشى. 1648 - يىلى 12 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مۇستەقىلچىلەر كونتروللۇقىدىكى ئارمىيىنىڭ پولكوۋنىكى پرىدې (؟ - 1658) نڭ باشچىلىقىدا چوڭ بۇرژۇئازىيە، چوڭ ئاقسۆڭەكلەر ۋەكىللىك قىلىدىغان پادىشاھ بىلەن ئۇزۇن مۇددەتكىچە مۇرەسسە قىلىشتا چىڭ تۇرغان پارلامېنتنى تازىلاپ، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقارغان. بۇنىڭ ئىچىدە 90 دىن ئارتۇقراقىنى ھەيدەپ چىقارغان، بەزىلىرى ئۆزلۈكىدىن يىغىنغا كەلمىگەن، قالغان پارلامېنت ئەزالىرى 100 گە يەتمىگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارلامېنتتا مۇستەقىلچىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، كورۇل چارلېس Ⅰ نى سوتقا تارتىپ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىش، شۇنىڭدەك ئەنگلىيەدە جۇمھۇرىيەت قۇرۇش قاتارلىق مۇھىم لايىھىلەرنى ماقۇللىغان. كېيىن خەلقتىن ئايرىلىپ قالغاچقا ھەمدە چىرىكلىشىپ ئىقتىداردىن ئايرىلغاچقا، 1653 - يىلى 4 - ئايدا كرومۋېل تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.