Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەمتۈكلۈك
بىئولوگىيە
خروموسوما پارچىسى (بۆلىكى) نىڭ يوقىلىپ كېتىشىدۇر. بىر قېتىم بۆلۈنگەندە ھاسىل بولغان كەمتۈكلۈك ئاخىرقى ئۇچىدىكى كەمتۈكلۈك بولۇپ، ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق بۆلۈنگەندە ئوتتۇرىسىدىكى بۆلەكلەرى كەمتۈك بولىدۇ - دە، ئوتتۇرىسى كەمتۈكلۈك دېيىلىدۇ. كەمتۈكلۈك دائىم كۆپلىگەن گېنغا بېرىپ تاقالغانلىقتىن، ئىندىۋىدنىڭ ھاياتلىق كۈچى تۆۋەنلەيدۇ ياكى ئۆلىدۇ. ئۆلتۈرمەيدىغان كەمتۈكلۈككە دائىم ئىپادىلىنىش تىپىنىڭ ئېففېكتى غەيرىي ئۆلىدۇ. مەسىلەن، ئادەمنىڭ 5 - نومۇرلۇق خروموسومىنىڭ قىسقا بۆلىكى كەمتۈك بولغان بالىلاردا زېھنى تۆۋەنلەش، تۇرمۇش ئىقتىدارى ناچارلاشتەك بىر قاتار ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە ھاياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. كېسەل بالىنىڭ يىغا ئاۋازى تۆۋەن بولۇپ، مۈشۈك مىياۋلىغانغا ئوخشىغانلىقتىن، <مىياۋلاش ئۇنىۋېرسال كېسىلى> دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كەملىك؛ ئاجىزلىق، نۇقسان.
ئۇ ئۆزىنىڭ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلىپ، كۆڭۈل ئېچىشنى بىلمىگەنلىكىنى ھاياتىدىكى بىر خىل كەمتۈكلۈك دەپ ھېس قىلدى.