Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەمى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېمە.
(«ك _ k» فەتھىلىك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).
ئوغۇزچە ۋە قىپچاقچە.
3 - 323
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(يازما نۇسخىدا بۇ سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى «ك _ k» زەممىلىك يېزىلغان. بىز بۇ سۆزنىڭ يازما نۇسخا 184 - بەت «ئۇيغۇرچە 1 - توم475 - بەت» تىكى شەكلىنى ئاساس قىلىپ، «كەمى» دەپ ئالدۇق). كەمى تالاس _ كىچىك تالاس. ئۇيغۇرلار چېگرىسىدىكى بىر ئۆتكەلنىڭ نامى.
3 - 323
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كېمە.
(«ك _k» ھەرپى كەسىرلىك تەلەپپۇز قىلىنىدۇ). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
كەمى ئىچرە ئولدۇرۇپ
ئىلا سۇۋىن كەچتىمىز
ئۇيغۇر تابا باشلانىپ
مىڭلاق ئېلىن ئاچتىمىز
كېمە ئىچىگە ئولتۇرۇپ،
ئىلى سۈيىنى كەچتۇق بىز،
ئۇيغۇر تەرەپكە يۈزلىنىپ،
مىڭلاق ئېلىنى ئاچتۇق بىز.
كېمىگە ئولتۇرۇپ ئىلى سۈيىدىن (بۇ بىر چوڭ دەريا) ئۆتتۇق، ئۇيغۇرلار تەرەپكە يۈزلىنىپ، مىڭلاق ئېلىنى ئالدۇق.
تۈركچە.
3 - 323