Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
克罗泽群
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەركروزېت تاقىم ئاراللىرى
ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. جەنۇبىي كەڭلىك 46°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 50°-52° ئارىلىقىغا توغرا كېلىدۇ. فرانسىيىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولۇپ كەلمەكتە، كروزېت تاقىم ئاراللىرى بەش يانار تاغ ئارىلىدىن تەشكىللەنگەن، مەيدانى 500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. 1772 - يىلى تېپىلغان، بۇ ئاراللار ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئارال — بوس ئارىلىنىڭ مەيدانى تەخمىنەن 150 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر ئۈستى تىك تاغلىق بولۇپ، ئېگىزلىكى 1500 مېتىرغا يېتىدۇ، تاغلىقلار مۇزلۇقلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ھاۋاسى سوغۇق، قاتتىق شىۋىرغان بولۇپ تۇرىدۇ، ئۆسۈملۈك، ھايۋاناتلىرى ئانتاركتىكا بىلەن ئوخشايدۇ، ئارالدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان ئاھالە يوق.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.