Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
克罗伊斯
دائىرە: دۇنيا تارىخىكروئىس
لىدىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 560 - 546). سابىق پادىشاھ ئالياتنىڭ ئوغلى. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىدىكى كەڭ رايونغا ئىگە بولۇۋالغان، يۇنانلىقلارنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئەل بولۇپ، لىدىيە ئەينى زاماندا قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان. مىسىر فىرئەۋىنى (ياخمېس Ⅱ) ۋە يېڭى بابىلون پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئىران ئېگىزلىكىدىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرغان. مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى، پېرسىيە پادىشاھى كۈرەش تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، پايتەخت ساادىس قولدىن كەتكەن، ئۆزىمۇ ئەسىرگە چۈشكەن. ئېيتىلىشچە ئۇ قەدىمكى زاماندىكى داڭلىق كاتتا باي بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى كېيىن بېرىپ <باي> بىلەن مەنىداش سۆزگە ئايلانغانىكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.