Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەلىمە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: كەلىم. كەلىمات. سۆز، نۇتۇق؛ «كەلىم» گە قاراڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزلەر، كەلىمىلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل تاۋۇشى ياكى تىل تاۋۇشلىرىدىن ئىبارەت مەنە بېرىدىغان تىل بىرلىكى.
«كەلىمە»، «كالام»، «سۇخەن» ئىستېمالدىن قالغان، پەقەت سۆز بىرىكمىلىرىدىلا كېلىدۇ: كەلىمە تەيبە، كالامۇللا، سۇخەنچىلىك قىلماق ...
«سۆز»، «نۇتۇق» لارنىڭ مەنىسى كېڭەيگەن، دوكلات، مەرۇزە م
ئەقىلنىڭ كۆركى تىلدۇر، يىلنىڭ كۆركى سۆز. سۆزدىن سۆز چىقىدۇ، شوردىن تۇز. ھەر ئىلىمدىن ئاڭلىساڭ بىر سۆز، ئۆگەن ئۇنى كېچە - كۈندۈز. باش شۇجى جياڭ زېمىننىڭ لۇشۈننى خاتىرىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆگەندۇق. گەپ گەپنىڭ تېگىنى ئاچىدۇ. گەپ يۈزدە ياخشى، ئۇسسۇل تۈزدە. پاراڭ بار يەردە ساراڭ بار، ساراڭ بار يەردە پاراڭ. لەېزى چىرايلىقنىڭ ئۆزى چىرايلىق. «يەنئەن ئەدەبىيات - سەنئەت سۆھبەت يىغىنىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق» نى ئۆگەندۇق. كىمدە بىھۇدە سۆز بولسا بىيار، ئۇ نۇتۇق مەجلىسىدە بولار خار. ئاساسىي لۇغەت فوندى؛ لۇغەت تەركىبى؛ لۇغەت مەنىسى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكىسى. ئىنگلىز تىلىدا RNU لېكسىكىسىنىڭ 832 خىل مەنىسى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئى. سۆز، گەپ؛ بايان ياكى تەپسىر، چۈشەندۈرۈش.
مۇسۇلمانچىلىقنىڭ قانداق يېرىدە شۇنداق كەلىمە بار ئىكەن؟
مىق. ساناق سانلار بىلەن بىرىكىپ <سۆز، گەپ> قاتارلىق سۆزلەرنىڭ ئالدىدا كەلگەندە <جۈملە، ئېغىز> دېگەندەك مىقدار مەنىلىرىنى بىلدۈرىدۇ.
- ئىجازەت بولسا ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار ئىدى، - دېدى ھېلىقى بوۋاي.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
كەلىمىخان، كەلىمگۈل
سۆز (بۇ يەردە <قۇرئان كەرىم> دىكى كەلىملەر ئۇلۇغلانغان