Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
克里斯皮
دۇنيا تارىخى
كرىسپى
(1818 - 1901) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1887 - 1891، 1893 - 1896). سىتسىلىيە ئارىلىدا تۇغۇلغان. ئادۋوكاتلىق قىلغان. دەسلەپ ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا مەخپىي ھەرىكەت ئۇيۇشتۇرغان. 1848 - يىلى 1 - ئايدا پالېرمو قوزغلىڭىنى قوزغاپ، 1848 - يىلىدىكى ياۋرۇپا ئىنقىلابىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. ماززىنىنىڭ تەلىماتىغا ئېتىقاد قىلىپ، ماززىنىغا ئەگىشىپ، سىتسىلىيە ئارىلى، نېئاپول، پېمونتې ۋە فرانسىيە ئارىسىدا قاتراپ يۈرگەن، كۆپ قېتىم سۈرگەن قىلىنغان. 1860 - يىلى گارىبالدى تەشكىللىگەن <قىزىل كۆڭلەكلىكلەر قوشۇنى> نىڭ يىراققا قىلغان سەپىرىگە قاتنىشىپ، پالېرمو ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئىتالىيە بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسەبىيلەرچە قوغداپ كەلگەن. 1861 - يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، كېيىن ئىتالىيە بۇرژۇئازىيە <سول قانات> لىرىنىڭ يولباشچىسى بولۇپ قالغان. 1877 - 1878 - ۋە 1887 - يىللىرى ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. باش ۋەزىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە بەزى دىنىي ھاكىمىيەتچىلىككە قارشى پەرمانلارنى ماقۇللىغان ھەمدە ئىقتىسادىي ئەھۋالنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغۇچى ئاممىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرغان. سىرتقا قارىتا ئۈچ دۆلەت بىلەن بولغان ئىتتىپاقنى مۇستەھكەملەپ، فرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىگە سەۋەب بولغان ھەمدە ئافرىقىدا مۇستەملىكە كېڭەيمىچىلىكىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان