Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
科林斯大会
دۇنيا تارىخى
كورىنتوس قۇرۇلتىيى
مىلادىدىن 833 ياكى 337 يىل ئىلگىرى، ماكېدونىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅱ كورىنتوستا چاقىرغان پۈتكۈل گرېتسىيە قۇرۇلتىيى. قۇرۇلتايغا سپارتادىن باشقا گرېتسىيىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ۋەكىل قاتناشقان. قۇرۇلتاي ماكېودنىيىنىڭ گرېتىسيىگە بولغان رەھبەلرىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان. گرېتسىيىدىكى ئۆلكە - شەھەرلەر يېغىلىقىنى توختىتىش جاكارلانغان؛ يەنە دېڭىز قاتناش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇپ، دېڭىزدىكى قاراقچىلار گۇرۇھىنى ئورتاق تازىلاش لازىملىقى بەلگىلەنگەن. ئۆلكىلەرنىڭ مال - مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىشى، يەرلەرنى قايتا بۆلۈشۈشى، باجلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ھەمدە سىياسىي كۈرەش تۈپەيلىدىن قۇللارنى زور تۈركۈملەپ قويۇپ بېرىشى مەنئى قىلىنغان. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە پان گرېتسىيە قاتناشمىغان بولسىمۇ، فىلىپ Ⅱ ئىتىتپاق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا سايلانغان ھەمدە پېرسىيىگە يۈرۈش قىلىشقا پائال ھازىرلىق كۆرۈش قارار قىلىنغان.