Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
كەلمەك، كېلىش. 1 . يىراقتىن يېقىنغا، ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۆنەلمەك، يېتىپ بارماق، يەتمەك.
ئۇلار كەلدى. * ئەتىياز كەلدى. * كەلمەك ئىرادە، كەتمەك ئىجازەت (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل.
1 . سۈپەت سۆزلەردىن كېيىن كېلىپ، سۈپەتلەر ھالىتىدە بولماقنى بىلدۈرىدۇ.
تار كەلمەك. * كەلمەك. * چوڭ كەلمەك. * كىچىك كەلمەك.
2 . «غۇ، قۇ، گۈ، كۈ »لۈك ھەرىكەتناملاردىن كېيىن كېلىپ، خاھىشنى، ئوينى بىلدۈرىدۇ. كىنوغا بارغۇم كېلىۋاتىدۇ * ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ. * ئۇنىڭ كۈلگۈسى كېلىپتۇ.
3 . ئۆلچەم بىرلىكىلىرىدىن كېيىن كېلىپ، ئۆلچەمنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ قوغۇن ئىككى كېلوگرام كەلدى. * بۇ تاۋۇز بەش كېلوگرام كەلدى. * بۇ ياغاچ ئىككى مېتىر كېلىدۇ. * بۇ كۆڭلەك 30 يۈەنگە كېلەر. * بۇ يەر ئون مو كەلدى.
4 . «پ»لىك رەۋىشداشلاردىن كېيىن كېلىپ، ئۇلارنىڭ دائىم ۋە داۋاملىق بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.. ئۇ بۇ ئىدارىدە ئون يىلدىن بېرى ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. * بىز كەمبەغەللەرنى يۆلەپ كەلدۇق. * بىز ئىرادىمىزنى بوشاشتۇرماي كېلىۋاتىمىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باش چاقا سەۋەبىدىن چاچسىز بولۇپ قېلىش كېسىلى ۋە شۇنداق كېسەل بولۇپ قالغان كىشى.
تازنى تاز دېسە، ئۆلگۈسى كېلەر، ساقنى تاز دېسە كۈلگۈسى كېلەر. بارىيوقى بىر بالام، باش - كۆزى تاز بالام. تازنى خوجام، پاخشەكنى خېنىم دەپتۇ. تاغدىن سۇ كېلىدۇ، كەل قۇۋ كېلىدۇ.