Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەيسانىيە ئېقىمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى تارماقلىرىدىن بولۇپ، Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەلىچى مۇختار (؟ - 687) نىڭ كۇفەدىكى ئەگەشكۈچىلىرى قۇرغان. <كەيسا> ھەققىدىكى سۆزلەر بىر خىل ئەمەس: بەزىلەر مۇختارنى ھەزرىتى ئەلى <كەيسا> دېگەنلىكتىن شۇنداق ئاتالغان دېسە؛ يەنە بەزىلەر مۇختارنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى ئەبۇ ھەمرا كەيسا مەۋالىلار دىن بولۇپ، مۇختارنىڭ تەشەببۇسىغا ۋارىسلىق قىلغان دەيدۇ. 685 - يىلى مۇختار كۇفەدىكى ئەلىچىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسىغا قارشى چىقىدۇ. بۇ قوزغىلاڭغا نۇرغۇن مەۋالىلار قاتنىشىدۇ. ئۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ كىچىك خوتۇنىدىن تۇغۇلغان ئوغىلى ئىبنى ھەنەفىيە (642 - 699) نى ئىمام ۋە مەھدى قىلىپ، ئىبنى ھەنەفىيە تەبىئىيلىكتىن ھالقىغان بىلىمگە ئىگە ھەمدە ھەسەن - ھۈسەيىنلەرنىڭ ھەممە مەخپىي بىلىملىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئاسترونومىيىلىك ھادىسىلەرنى بىلىدۇ ۋە كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ، دەپ قارىغان. 689 - يىلى مۇختار جەڭدە قازا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ باشلىقى كەيسا ئۇنىڭ تەشەببۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ ھەرىكەتكە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىش بىلەن، كەيسانىيە ئېقىمى شەكىللىنىدۇ. كەيسا ھەزرىتى ئەلى ئىبنى ھەنەفىيەنى ۋارىس قىلىپ بېكىتكەندى، دەپ جاكارلاپ، ھەسەن ۋە ھۈسەيىننى ئىماملىقتىن چەتكە قاقىدۇ. 700 - يىلنىڭ ئالدى - كەينىدە ئىبنى ھەنەفىيە ۋاپات بولىدۇ. كەيسانىيە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەبۇ قەلىب دەلىل ۋەكىللىكىدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمانلار ئىمام غايىب بولغان، يەنە پەيدا بولىدۇ، دېگەن ئەقىدىنى داۋاملىق تەشەببۇس قىلىپ، ئىبنى ھەنەفىيە ئۆلمىدى، مەدىنىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى لىداۋ تېغىدا غايىب بولدى. كېيىن ئاللانىڭ ئىرادىسى بويىچە مەھدى سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، زۇلۇم ۋە زورلۇقنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتتە ئادالەت ئورنىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ كىشىلەر زوراۋانلىق قىلىشنى توختىتىپ، ئىبنى ھەنەفىيەنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، قەرابىيەنى شەكىللەندۈرىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىبنى ھەنەفىيە ۋاپات بولدى. لېكىن ئۇ كۆز يومۇشتىن ئىلگىرى ھەممە مەخپىي بىلىملەرنى ئوغلى ئەبۇ ھاشىم (689 - 718) غا ئېيتىپ بەرگەن ھەمدە ئۇنى ئىمام قىلىپ بېكىتكەن، دەپ قاراپ ھاشىمىيلار دەپ ئاتايدۇ. 718 - يىلى ھاشىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ مەزھەپ بەيانىيە، ھابىيە، رەۋەندىيە، بۇقارىيە، جىدەشىيە، نىزامىيە، ئابباسىيە قاتارلىق نۇرغۇن تارماق مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئابباسىيەنىڭ ئادىمى ئەڭ كۆپ بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباسنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاساس قىلغان مەزھەپ ئىدى. ئۇلار پەلەستىندىكى ھۇمەيمە ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئەبۇ ھاشىمنىڭ ئىماملىق ئورنىنى ئابباسنىڭ نەۋرىسى مۇھەممەد بىننى ئەلى (؟ - 743) گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىماملىق شەرىئەتكە لايىق ھالدا ئابباس جەمەتىگە ئۆتۈپ، ئابباسىيلارنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشىغا ئاساس بولدى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدە كەيسانىيە ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىغا تەۋە شىئە مەزھىپىنىڭ ئەسەبىيلىرىدىن شەكىللەنگەن ئاساسىي گەۋدىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، قەرمەتىيەلەرگە ۋە خۇررەمىيەگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ مەزھەپ پارچىلىنىشقا باشلاپ، Ⅸ ئەسىردە شىئە مەزھىپىدىكى باشقا مەزھەپلەرگە سىڭىپ كەتتى. ئىراقتا كەيسانىيە ئېقىمىنىڭ كۆپ ساندىكى ئادەملىرىنى كېيىن شەكىللەنگەن ئىمامچىلار (ئون ئىككى ئىمامچىلار) قوبۇل قىلىپ كەتتى. غايىب بولغان ئىمام ئىدىيىسى ۋە مەھدى ئەقىدىسى بۇ تارماق مەزھەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.