Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەينىنى قىلماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ئارقا تەرىپىنى توغرىلىماق، ئارقىسىنى قىلماق.
ئۇنىڭ كۆزى ئېرىق بويىدا يول تەرەپكە كەينىنى قىلىپ ئولتۇرغان بىر يوچۇن ئادەمگە چۈشتى.
كۆچمە. تەتۈر قارىماق، يامان مۇئامىلىدە بولماق.
ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى تام قوشنا يېقىن بولسىمۇ، داۋۇت بىلەن پەرى ھەرقاچان ئۇلارغا كەينىنى قىلىپ يۈرەتتى.
كۆچمە. ئوڭ كەلمەي قالماق، تەتۈر كەلمەك.
بۇ قېتىم ئامەت بىزگە كەينىنى قىلغان ئوخشايدۇ، پايدىدىن جىق ئۈمىد يوق ئىدى.