Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
科孚岛宣言
دۇنيا تارىخى
كورفۇ ئارىلى خىتابنامىسى
1917 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى سېربىيە باش ۋەزىرى پاسىچ بىلەن يۇگوسلاۋىيەلىكلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى تېرۇمبېچ كورفۇ ئارىلىدا ئىمزالىغان كەلگۈسىدىكى يۇگۇسلاۋىيە دۆلىتىنى تەشكىل قىلىش توغرىسىدىكى سىياسىي ھۆججەت. ئۇنىڭدا، سېربىيىلىكلەر، كرودىيىلىكلەر ۋە سلوۋېنلارنىڭ قاراگېئورگىۋىچ خاندانللىقى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا شەكىللەنگەن بىرلىككە كەلگەن، دېموكراتىك ۋە پارلامېنت تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدىغان پادىشاھلىق دۆلەت قۇرۇشنى قوللاش جاكارلانغان ھەمدە ئىككى خىل يېزىق (لاتىن ۋە كىرىل يېزىقى) باراۋەر؛ ئۈچ مىللەتنىڭ نامى ۋە بايرىقى باراۋەر؛ ئۈچ دىن (كاتولىك دىنى، گرې، پراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە ئىسلام دىنى) باراۋەر دەپ ئېلان قىلىنغان. خىتابنامىدە يەنە دۆلەت پارلامېنتى بىلەن شەھەر پارلامېنتى بىردەك ئەر گراژدانلاردىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. خىتابنامىدە يۇگوسلاۋىيە دۆلىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئاساس سالغان.