Uyghurئاساسىي لۇغەت
كەچۈرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىپەرۋالىق، ئەدەبسىزلىك ۋە ياكى خاتالىقنى كۆڭۈلگە ئالماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك ياكى جازالىماسلىق.
سەن يامان كۆرىدىغاننى كەچۈر، سېنى يامان كۆرىدىغاننى كەچۈرمە. كەمچىلىك مەندىن كەچۈرۈش سەندىن. ئەپۇ قىلىش - ئائىلىنىڭ بەختلىك بولۇشنىڭ شىپالىق دورىسى. دوستىنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىش - گۈزەل ئەخلاق.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
كەچۈرمەك، باشتىن ئۆتكۈزمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
<كەچمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
بۇنداق سوغۇقتا ئوغلۇڭنى سۇ كەچۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟ * قارىغاندا سىز مېنى كەچۈرمەيدىغان ئوخشايسىز.
ئۆتكۈزمەك.
كۆزدىن كەچۈرمەك.
بىز ئىككىمىز ئەبەدىي ياخشى ئەر - خوتۇن بولۇپ كۈن كەچۈرىمىز.