Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
柯巴德一世
دۇنيا تارىخى
كەيقۇباد
(؟ - 531) كاۋاد دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (488 - 496، 499 - 531). تەختتىكى مەزگىللىرى مازداك قوزغىلىڭى پارتلىغان. ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئاتەشپەرەست كاھىنلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، مازداك مەزھىپىگە يېقىنلىشىپ، مازداك مۇرىتلىرىنى ئىشقا سالغان. مىلادى 496 - يىلى ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ، ئورنىغا ئۇكىسى زاماسپىس چىققان. كېيىن ئوتتۇرا ئاسياغا قېچىپ بارغان ۋە ئولپان بېرىش شەرتى ئاستىدا ئېفتالېتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ 499 - يىلى قايتىدىن ئونىغا چىققان. ئىككى قېتىم رىم ئىمپېريىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. شەرق تەرەپتە، 503 - 513 - يىللىرى ئېفىتالىتلارنى قايتا - قايتا مەغلۇپ قىلغان. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا خاتىرىلىنىشىچە، جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتكەن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى مازداك مەزھىپى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يامانلاشقان، ئوغلى خۇسراۋ مىلادى 529 - يىلى مازداك قوزغىلىڭىنى باستۇرغان.