Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىچىك ئانتانتا
دۇنيا تارىخى
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، چېخوسلوۋاكىيە، يۇگۇسلاۋىيە ۋە رومىنىيە فرانسىيەنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قۇرغان ھەربىي سىياسىي ئىتتىپاق. ئۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە قاتارلىق چوڭ ئانتانتا دۆلەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. ۋېرسال سىستېمىسىنى قوغداش، گېرمانىيە، ۋېنگرىيە ۋە بۇلغارىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن چېخوسلوۋاكىيە بىلەن يۇگۇسلاۋىيە 1920 - يىلى 8 - ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسى ۈزگەن؛ چېخوسلوۋاكىيە بىلەن رومىنىيە 1921 - يىلى 4 - ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى تۈزگەن؛ رومىنىيە بىلەن يۇگۇسلاۋىيە 1921 - يىلى 6 - ئايدا ئىتتىپاق شەرتنامىسىنى تۈزگەن. بۇ شەرتنامىلەر <كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى> گورۇھىنىڭ ئاساسىدۇر. فرانسىيە ئۈچ دۆلەت بىلەن ھەربىي شەرتنامە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن، كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى ئەمەلىيەتتە فرانسىيەنىڭ ياۋرۇپاغا خوجا بولۇش ھوقۇقىنى تالىشىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغان. 1933 - يىلى 2 - ئايدا ئۈچ دۆلەت جەنۋەدە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، <كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەھدىنامىسى> نى تۈزگەن. ئۇنىڭدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىنى تەڭشەش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يولغا قويۇش ئۈچۈن دائىمىي كومىتېت ۋە دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى قۇرۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1933 - يىلى 3 - ئايدا گېرمانىيە چېخوسلوۋاكىيەنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، كىچىك ئانتانتا دۆلەتلىرى پارچىلىنىپ كەتكەن.