Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كېچىكىپ ئۆستۈرۈش دەۋرى
دائىرە: بىئولوگىيە迟缓期
chíhuǎnqī
ئۆسۈش ئەگرى سىزىقىدىكى بىرىنچى دەۋر. باكتېرىيىنى سۇيۇق ئۆستۈرگۈچكە ئېكىپ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىغا قويغاندا، دەسلەپكى مەزگىل ئىچىدە باكتېرىيىنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، ھەتتا بىر ئاز كېمىيىپ كېتىدۇ. بۇ بىر دەۋر كېچىكىش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ دەۋردە باكتېرىيە ھۈجەيرىسى بۆلۈنمەيدۇ. بىراق ھەجىمى ئارتىدۇ، مېتابولىزم ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، بەزى ھۈجەيرە تەركىبلىرى (مەسىلەن، رىبوسومىدىكى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا، ئاقسىل قاتارلىقلار) نىڭ بىرىكتۈرۈلۈش سۈرئىتىدە خېلى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ، ھۈجەيرە تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. مەيلى پەن تەتقىقاتى ياكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا بولسۇن، مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادەتتە قىسقا مۇددەتلىك كېچىكىش دەۋرى بولىدۇ. باكتېرىيىنىڭ ئەسلى ئىرسىيەتچانلىقى، يېشى ئۆستۈرگۈچىنىڭ تەركىبى، ئېكىش مىقدارى قاتارلىقلارا كېچىكىش دەۋرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە ئۆسۈشى تېز، لوگارىفمىلىق ئۆسۈش دەۋرىدىكى ھۈجەيرە ۋە ئۆستۈرگۈچى مۇۋاپىق، ئېكىش مىقىدارى كۆپ بولسا كېچىكىش دەۋرى قىسقا، ئەكسىچە بولسا ئۇزۇن بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.