Uyghurئاساسىي لۇغەت
كىچىك پېئىللىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماختانماسلىق، مەغرۇرلانماسلىق، ئۆزىنى تۆۋەن بىلىش خىسلىتى.
كەمتەرلىك چوڭغىمۇ، كىچىككىمۇ يارىشىدۇ. كەمتەرلىك بىلەن ئۇلۇغلۇق تام قوشنا. ھەقىقىي كىچىك پېئىللىق ھەممە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئانىسى.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزىنى چوڭ تۇتمايدىغان، ئۆزىگە تەمەننا قويمايدىغان خىسلەت.
ھاكاۋۇرلۇق، تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، گەدەنكەشلىك، مەنمەنچىلىك، يوغانچىلىق، چوڭچىلىق
ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدىغان، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىللەت.
كىچىك پېئىللىق - ھەممە گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئانىسى. كەمتەرلىك كىچىككىمۇ، چوڭغىمۇ يارىشىدۇ. كەمتەرلىك ئۇلۇغلۇق بىلەن قوشنا. ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئەخمەقلىق بىر دەرەخنىڭ مېۋىسى. تەكەببۇرلۇق تەنىدىن قۇتۇلالمايدۇ. مەغرۇرلۇق - پۇتلىشىشنىڭ مۇقەددىمىسى. گەدەنكەشلىك گەمىدە ياخشى. مەنمەنچىلىك ئەقىلدىن ئاداشتۇرىدۇ. يوغانچىلىق يولدىن ئازدۇرىدۇ. چوڭچىلىق قىلغان چوقۇم ئاستىدا قالىدۇ.