Uyghurئاساسىي لۇغەت
كېچە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسم.
تۈن، كەچقۇرۇن. ئانتونىمى: كۈندۇز.
كېچە - كۈندۈز. * كېچىسى، كېچىلەپ. * ئايدىڭ كېچە، قاراڭغۇ كېچە، يېرىم كېچە. * بىز كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتىمىز. * بارات كېچىسى. بايرام كېچىسى. قاراقچى كېچىسى توسىدۇ، شەپەرەڭ كېچىسى ئۇچىدۇ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
بۈگۈنكى كۈندىن ئىلگىرىكى كۈن، تۈنۈگۈن.
مەن كېچە كەلدىم. * كېچە نەدە بولدىڭىز ؟ * كېچە بەك سوغۇق بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سوتكىنىڭ كۈندۈزى تۈگەپ، قاراڭغۇ چۈشكەن ۋاقتى، شۇ ۋاقىتتىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان ۋاقىت.
كەچ يات، سەھەر تۇر. كەچقۇرۇن كەلگەن مېھماننى ياخشى كۈت. كېچىنى كېچە دېمەي ئىشلىمەك. سۈت كېچىدىمۇ ئاق. ئاخشام بولدى يات، سەھەر بولدى كەت. كۈننى تۈنگە ئۇلاپ. تۈننىڭ راھىتى - تىنچ ئۇيقۇ. نىسپىي شەپتە ئويغاندىم.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت، بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتىن توققۇزغىچە بولغان ۋاقىت)، ئەلياتقۇ (كېچە سائەت توققۇزدىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، تۈن نىسپىي (كېچە سائەت 11 دىن بىرگىچە بولغان ۋاقىت)، باش توخۇ (سائەت بىردىن ئۈچكىچە بولغان ۋاقىت)، سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت ئۈچتىن بەشكىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سوتكىنىڭ قاراڭغۇ چۈشكەندىن تاڭ ئاتقۇچە بولغان قىسمى.