Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كائىنجى سۇ ئامبىرى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر卡因吉水库
kǎ yīn jí shuǐ kù
غەربىي ئافرىقىدىكى نېگىر دەريا بويىغا سېلىنغان چوڭ تىپتىكى سۇ ئامبىرى. بۇ سۇ ئامبىرى 1968 - يىلى نېگىرىيە تېررىتورىيىسىدە نېگىر دەريا ئېقىنىنى توسۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن. ئۇزۇنلۇقى 136 كىلومېتىر، ئەڭ كەڭ يېرى 24 كىلومېتىر، توسمىنىڭ ئېگىزلىكى 70 مېتىر، سۈيىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 60 مېتىر كېلىدۇ. مەيدانى 1270 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. بىر مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر سۇ سىغىدۇ، دەريا بويىدا 980 مىڭ كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدىغان ئېلېكتر ئىستانسسىسى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.