Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاۋكامىخاجىمې
دۇنيا تارىخى
河上肇
hé shàng zhào
(1879 - 1946) ياپونىيىلىك ئىقتىسادشۇناس. تۆرىلەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. توكيۇ ئىمپېرىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1908 - يىلدىن باشلاپ، توكيو ئىمپېرىيە داشۆسى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ مۇئەللىمى بولغان. 1915 - يىلى پروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ئىقتىسادشۇناسلىق تارىخىدىن دەرس ئۆتكەن. <ئىجتىمائىي مەسىلە تەتقىقاتى توغرىسىدا> ناملىق ژورنالنى تەسىس قىلىپ، ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر كۆپلىگەن مۇھىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 1928 - يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1929 - يىلى ئويامايۇبو قاتارلىقلار بىلەن بىللە يېڭى دېھقانلار پارتىيىسىنى قايتىدىن قۇرغان. 1932 - يىلى ياپونىيە كوممۇنىستىك پارتىيسىگە قاتناشقان. 1933 - يىلى قولغا ئېلىنغان. 1937 - يىلى تۈرمىدىن چىققان. كېيىن پۈتۈن زېھنىنى يىغىپ <تەرجىمىھال>نى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش توغرىسىدا تەتقىقات>، <ئىقتىسادشۇناسلىق توغرىسىدائومۇمىي پروگرامما>، <ماركىسزملىق ئىقتىسادشۇناسلىق ئىلمى> قاتارلىقلار بار. كېيىن ئون ئىككى توملۇق <كاۋكامىخاجىمې ئەسەرلىرى> نەشىر قىلىنغان.