Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاۋاللوتتى
دۇنيا تارىخى
(1842 - 1898) ئىتالىيىلىك سىياسىي ئوبزورچى ۋە ئەدەبىي ئوبزرچى. ياش ۋاقتىدا گارىبالدىنىڭ 1860 - يىلىدىكى جەنۇبىي ئىتالىيىگە قىلغان يۈرىشىگە ۋە 1866 - يىلىدىكى ئاۋستىرىيە بىلەن قىلغان ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1868 - يىلى مىلان سول قانات ماززىنىچىلارنىڭ ئورگان گېزىتى <ئەتىرگۈل ئاخباراتى> نى نەشىر قىلىشقا قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. 1873 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىپ، سول قانات جۇمھۇرىيەتچى ئۆكتىچىلەرنىڭ سەردارى بولغان. كىرىسپى يۈرگۈزگەن سىياسەتكە كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىپ، ئوڭ قانات سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كېيىن سىياسىي دوئىلدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.