Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاتولىك بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
1609 - يىلى گېرمانىيىدىكى كاتولىك دىنى كىنەزلىكلىرى بىلەن كىچىك فېئوداللار قۇرغان سىياسىي، ھەربىي ئىتتىپاق.باۋارىيە كىنەزى ماكسىمىلىئان Ⅰ نىڭ باشچىلىقىدا، 1608 - يىلى قۇرۇلغان پېروتېستانت دىنى بىرلەشمىسى بىلەن قارشىلاشقان. بىرلەشمە ئىسپانىيەنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تىللىنىڭ قوماندانلىقىدا بىر قوشۇن تەشكىللىگەن. 1619 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى فېرناندو Ⅱ بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇشقا ئاكتىپ قاتناشقان. تىللى 1620 - يىلى 11 - ئايدا بىرلەشمىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ بىلا تېغى (ئاق تاغ) جېڭىدە چېخ قوشۇنىنى يەڭگەن، كېيىن يەنە دانىيىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1626 - يىلقى يۇقىرى ئاۋسترىيە دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا ئىشتراك قىلغان. 1632 - يىلى شۋېتسىيە كورۇلى گوستاۋ ئادولىف Ⅱ تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 1635 - يىلى ئىمزالانغان <پارىژ سۈلھىسى>گە ئاساسەن بىرلەشمە شۇ يىلى تارقىلىپ كەتكەن.