Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاتابولىزم
بىئولوگىيە
بەدەندىكى بىر قاتار ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدە قىسقىراپ، ئاددىي ئورگانىك ياكى ئانئورگانىك ماددىلارغا ئايلىنىش رېئاكسىيىلىرىدىن ئىبارەت، مەسىلەن، ياغ كىسلاتالىرى قىسقىراپ ئاتسېتىل كو A غا ئايلىنىدىغان β- ئوكسىدلىنىش جەريانى، يەنە مەسىلەن، گلۇكوزا 6 - فوسفاتتىن پىرۇۋىككىسلاتاسى ھاسىل بولىدىغان ئېچىپ پارچىلىنىش جەريانى. پىرۇۋىك كىسلاتاسى كاربوكسىلسىزلىنىپ ئوكسىدلانغاندىن كېيىن، ئاتسېتىل كو A غا ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالارنىڭ ئايلىنىشىغا ئۆتۈپ تەلتۆكۈس پارچىلىنىپ CO 2 ۋە H 2 O غا ئايلىنىدىغان ئوكسىدلىنىش جەريانى قاتارلىقلارمۇ شۇنىڭدىن ئىبارەت. كاتابولىزمدا قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيە ھۈجەيرىلەردىكى ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق جەريانلار: ئاقسىل، يادرو كىسلاتاسى، قەنت، ياغ قاتارلىقلارنىڭ بىئولوگىيىلىك سىنتېزلىنىشى ۋە ھۈجەيرە ئىچكى مۇھىتنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.