Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاسسىئۇ
دۇنيا تارىخى
卡西乌
kǎ xī wū
(مىلادىدىن ئىلگىرى )؟ - 42( قەدىمكى رىم سەركەردىسى. كائېسارنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ بىرى. ياش ۋاقتىدا كراسۇسقا ئەگىشىپ پارفىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. كراسسۇس )مىلادىدىن 53 يىل ئىلگىرى( ئۆلگەندىن كېيىن، قالدۇق قىسىملارنى توپلاپ )فرات دەرياسى بويلىرىدا( پارپىيە قوشۇنلىرىنى يەڭگەن، رىمغا قايتقاندىن كېيىن مىلادىدىن 49 يىل ئىلگىرى تىرىبون بولغان. <ئىچكى ئۇرۇش>تا پومپېيئۇسقا ئەگىشىپ، فارسالۇس ئۇرۇشىدا )مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرى( دېڭىز فلوتىغا قوماندانلىق قىلغان، يېڭىلگەندىن كېيىن ھېللېسپونىتوسقا قېچىپ كەتكەن، قەيسەرنىڭ كەچۈرۈم قىلشى بىلەن باش سودىيە ۋە سۈرىيەنىڭ باش ۋالىيسى بولغان، مىلادىدىن 44 يىل ئىلگىرى 3 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، برۇتۇس قاتارلىقلار بىلەن سۈيقەست پىلانلاپ سېزارنى ئۆلتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. سۈرىيەنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ تالان - تاراج قىلىپ، بايلىق توپلاپ، كۈچ ئۇيۇشتۇرغان. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى فىلىپپى ئۇرۇشىدا ئۇ يېتەكلىگەن قوشۇن ئانتونىئۇس تەرىپىدىن يېڭىلگەندىن كېيىن )بۇرتۇس يېتەكلىگەن يەنە بىر قوشۇن ئوكتاۋىئان بىلەن تىركىشپ قالغان(، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.