Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاسساندرا
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
卡桑德拉
kǎ sāng dé lá
دۇنيا تارىخى
卡珊德拉
kǎ shān dé lá
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىىردە ترويان مەلىكىسى. پادىشاھ پرىئام بىلەن ھېكايانىڭ قىزى. ناھايىتى چىرايلىق بولغانلىقتىن قۇياش خۇداسى ئاپوللون ئاشىق بولۇپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا ھوكومالىق ماھارىتنى ئۆگەتكەن. ئۇ بۇ ماھارەتنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن ئاپوللوننىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان بولىۋالغان. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ئاپوللون ئۇنى قارغاپ، ئۇنىڭ بىشارەتلىرىگە ھېچىكىم ئىشەنمەيدىغان قىلىۋەتكەن. كاسساندارا شاھزادە پارسنىڭ ترويالىقلانى ھالاك قىلىدىغانلىقى، يۇنانلىقلارنىڭ ياغاچ ئات (<ياغاچ ئات ھىيلىسى>) بىلەن ترويا شەھىرىنى گۇمران قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن. لېكىن بۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمىگەن (كېيىن راست بولۇپ چىققان). ترويا شەھىرى يۇنان بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئۇرۇش غەنىمىتى سۈپىتىدە قوماندان ئاگامېمنونغا تەقسىم قىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يۇنانغا قايتقان. ئۇ مىكىناي ئوردىسى پاجىئەسى ۋە ئۆزىنىڭمۇ تەقدىرى توغرىسىدا بىشارەت بەرگەن، لېكىن ھېچكىم ئىشەنمىگەن. دېگەندەك ئاگامېمنون ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كلىتېيمنېسترا (ئاگامېمنوننىڭ خوتۇنى)تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئېيتىلىشىچە، كاسساندرا ئاگامېمنوننىڭ ئوغلى ئورېستېسنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ بېشارەت بەرگەنىكەن.