Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاسمىرا
دۇنيا تارىخى
(قەدىمكى دۆلەتنىڭ نامى. ھازىرقى كەشمىر ئەتراپلىرىغا توغر كېلىدۇ.كاسمىرانىڭ ئاھالىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مېتال ئەسۋاب - ئۈسكىنىلەرنى ياساشقا ئۇستا. ھىندىستاننىڭ ماۋوريا ئىمپېرىيىسى ۋە كېيىنكى كوشان پادىشاھلىقىنىڭ دەۋرىدە بۇ ئىككى ئىمپېرىيەنىڭ زېمىنىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. كوشان پادىشاھى كانىشكا تەختىگە چىققاندا) مىلادى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى( بۇ جايدا تۆتىنچى قېىتملىق بۇددا يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇددا دىنى ماھايانا مەزھىپىنىڭ پەيدا بولغان جايى. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن كۆپلىگەن راھىبلار جۇڭگوغا كېلىپ دىن تارقاتقان ۋە بۇددا نوملىرىنى تەرجىمە قىلغان. مىلادى Ⅶ ئەسىردە دۇرلابخاۋاردخان كالكۇتتا سۇلالىسىنى قۇرغان. شۈەنزاڭ <ئۇلۇغ تاڭ دەۋردىكى غەربىي يۇرت خاتىرىسى>دە: كاسمىرا دۆلىتىنىڭ زابولىستان دەپ ئاتىلىشى خاتا. شىمالىي ھىندىستان تەۋەسىدە، ئايلانمىسى يەتتە مىڭ چاقىرىمدىن ئوشۇق كېلىدۇ، دەپ يازغان. لالىتادىتىيە ماكتاپىدا تەختتىكى مەزگىللىرى )تەخمىنەن 724 - 760( شىمالىي ھىندىستاندىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان، جۇڭگوغا )پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ زامانىسىدا( ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن. تەخمىنەن مىلادى Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى كالكۇتتا سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئوتىبورۇ سۇلالىسى ئىگىلىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاسمىرا زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، لېكىن ⅣⅩ ئەسىرگىچە مۇستەقىللىكىنى ساقلاپ قالغان.