Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كارپىنىسكىي
دائىرە: دۇنيا تارىخى卡尔宾斯基
kǎ ěr bīn sī jī
(1847 - 1936) سوۋېت ئىتتىپاقىلىق گېئولوگ. كان ئىنژېنىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1866 - يىلى پېتېربۇرگ كانچىلىق ئىنسىتىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كان ئىنژېنىرى بولغان. كېيىن ئىنىستىتۇتتا ئوقۇتقۇچى بولغان. 1885 - 1903 - يىللىرى گېئولوگىيە كومىتېتىنى باشقۇرغان. 1917 - 1936 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئورال، ئالتاي تاغلىرى، قىرغىزىستان ۋە روسىيەنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، گېئولوگىيىلىك قۇرۇلما، پالېئونتولوگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىقات قىلغان. روسىيەنىڭ ياۋرۇپا قىسمىنىڭ گېئولوگىيىلىك خەرىتىسىنى ۋە قەدىمكى جۇغراپىيىلىك خەرىتىسىنى بىرىنچى بولۇپ تۈزۈپ چىققان. كارپىنسىكىيىنىڭ <روسىيە ياۋرۇپا قىسمىنىڭ ئۆتمۈش گېئولوگىيىلىك دەۋرلىرى توغرىسىدىكى يەر پوستى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ئومۇمىي خاراكتىرى> دېگەن ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.