Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارولىي
دۇنيا تارىخى
(1875 - 1955)، ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى (1919). <48 يىل مۇستەقىللىك پارتىيىسى> نىڭ داھىيىسى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1906 - 1918 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە تىسائىتېتۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشنى قوزغىغان؛ ۋېنگرىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقىنى بىكار قىلىپ، ئاتنانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئۆز ئالدىغا سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالاشنى تەشەببۇس قىلغان. 1910 - يىلى 10 - ئايدا، ۋېنگرىيە مىللىي كومىتېتىنى قۇرۇپ، ھابسبۇرگ مىللىي پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. شۇ يىلى ۋېنگرىيە بۇرژۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىي غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 1919 - يىلىدىكى ۋېنگرىيە سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە چەت ئەلدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چەت ئەلدە خورتىنىڭ فاشىستىك دىكتاتۇرىسىغا قارشى كۈرەشكە قاتناشقان ۋە ئۇنى ئۇيۇشتۇرغان. 1943 - يىلى ئەنگىلىيىدە <دېموكراتىك ۋېنگرىيىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى> گە يېتەكچىلىك قىلغان. 1946 - يىلى ۋەتىنىگە يېنىپ كەلگەن. 1947 - 1949 - يىللىرى ۋېنگرىيىنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان. 1955 - يىلى فرانسيىدە ۋاپات بولغان.