Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كارلوسچىلار
دائىرە: دۇنيا تارىخى卡洛斯派
kǎ luò sī pài
ئىسپانىيىدە مۇستەبىتلىك تۈزۈم ۋە چېركاۋ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان سىياسىي گورۇھ. ئىسپانىيە كورۇلى فېرىناند Ⅶ نىڭ ئىنىسى دون كارلوس (1788 - 1855) ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ تەخت تالىشىشىنى قوللىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ⅨⅩ ئەسىردە ئىككى قېتىم كارلوس ئۇرۇشى قوزغىغان. 1918 - يىلى ئەنئەنىچىلەر پارتىيىسىنى قۇرغان. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى ۋاقتىدا ئۇزۇن مىلتىقلىقلار پارتىيىسى بىلەن بىر سەپتە بولغان. 30 - يىللارغا كەلگەندە، دون كارلوسنىڭ ئۇرۇق - ئەۋلادى قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن، كارلوسچىلارنىڭ باشلىقى 1958 - يىلى ئالفونسو ⅢⅩ (1886 - 1194) نىڭ ئوغلى، بارسېلونا گرافى دون خۇئاننى تەخت ۋارىسى قىلىپ تىكلىگەن. 1969 - يىلى كارلوسچى ئۇنسۇرلار يەنە ئۇنىڭ ئوغلى، يەنى فرانكو تەرىپىدىن تەخت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلگەن خۇئان كارلوس (1938 - )نى قوللىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.