Uyghurئاساسىي لۇغەت
كارفاگېن
دۇنيا تارىخى
(ئافرىقىنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى دۆلەت. تەخمىنەن مىلادىدىن 814 يىل ئىلگىرى، فىنكىيە شەھىرىنىڭ تىيىرې )ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقى( دېگەن جايدىكى كۆچمەنلەر ھازىرقى تۇنىس قولتۇقىدا كارفاگېن قەدىمكى دۆلىتىنى قۇرغان، كېيىن تەرەققى قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى جايلارنى، ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىرغىقى، بالېئارې تاقىم ئاراللىرى، ساردېنىيە ۋە كورىسېلارنى شۇنىڭدەك سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىنى ئىگىلىۋالغان؛ ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ئىترورىيىلىقلار، بولۇپمۇ گرېكلار بىلەن رىقابەتلەشكەن. دېڭىز سودىسى كارفاگېنلىقلارنىڭ بېيىش مەنبەسى بولغان. ئۇلار قۇللارنى چوڭ قۇرۇقلاردا تېرىقچىلىققا ياكى كانلاردا مەەن قېزىشقا، كېمىلەردە پالاق تۇتۇشقا سالغان. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئولگارخىيىلىك ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان: ئىككى نەپەر ئارخۇن ھەربىي ئىشلارنى باشقۇرغان؛ 300 ئادەمدىن سىنات تەشكىللەنگەن، بۇنىڭ يادروسى 30 كىشىلىك )ئىككى نەپەر ئارخۇنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە( كومېتىت بولۇپ، قانۇن تۈزۈش ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. ئاۋام پالاتاسى قانۇن ۋە قارارلارنى ماقۇللاش ئورنى بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا <يۈز كىشلىك كېڭەش> )104 نەپەر ئەزاسى بار( تەسىس قىلىنىپ، سوت ۋە تەپتىش ئورگىنى قىلىنغان. يۇقىرى ددەرىجىلىك ئەمەللەرنى ئاقسۆڭەكلەر ئىگىلىۋالغان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىگە مائاش بېرىلمىگەن. كارفاگېندا مال - دۇنيا بارلىق ھوقۇقنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا گۈزەل ئەخلاقنىڭ مىزانى )ئارستوتىلنىڭ سۆزى( بولغان. ئارمىيە ئاساسەن ياللانما ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن، كارفاگېن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز ئارمىيىسىگە ئىگە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن باشلاپ رىم )ئىتالىيەنى بىرلىككە كەلتۈرگەن( بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ غەربىدىكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى تالاشقان، شۇنداق قىلىپ، پوئېنى ئۇرۇشى )مىلادىدىن ئىلگىرى 264 - 146( نى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ كارفاگېن ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئافرىقا ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ قالغان. مىلادى، 439 - يىلى كارفاگېننىڭ ئەسلى زېمىنى ۋانداللار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. Ⅵ ئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى ۋە ئەرەب ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان. كارفاگېن مەدەنىيىتى دەسلەپ كۆپرەك فېنكىيىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، كېيىن رىم، يۇناننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بىراق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.