Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كارىبېسلار
دائىرە: دۇنيا تارىخى加勒比人
jiā lēi bǐ rén
ئەسلىدە كالىناگولار ياكى كالىنالار دەپ ئاتالغان. ئانتىل تاقىم ئاراللىرى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شىمالىدىكى ئىندىئانلارنىڭ بىر تارمىقى. ئەسلىدە برازىلىيەدىكى ھىنگۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمى ۋە تاپاژوس دەرياسى ۋادىلىرىدا ياشىغان. تەخمىنەن ⅤⅩ ئەسلىدە ۋىنسۇئىلا ۋە گۋىئانا ساھىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. مۇشۇ ئەسرىنىڭ ئاخىرلىرىدا كىچىك ئانتىل تاقىم ئاراللىرىغا كۆچۈپ كەلگەن. كولومبىيە، پىرونىڭ ئاندس تاغلىق رايونى، گۋىئانا، شىمالىي ئامېرىكىدىكى فلورىدانىڭ ساھىللىرىغىچە تارقىلىپ ماكانلاشقان. ئاساسەن، بېلىقچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە سېۋەت توقۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېڭىزدا يۈرۈشكە بەكمۇ ماھىر بولۇپ، يالغۇز قولۋاققا ئولتۇرۇپلا كارىب دېڭىزى رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرغا بارالايدۇ. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ئانتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى كاربېسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.