Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاپۇيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى加普亚
jiā pǔ yà
قەدىمكى ئىتالىيە كامپونىيە رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ترويا شەھىرى (كىچىك ئاسىيادا) قولدىن كەتكەندىن كېيىن، كاپىيىس ئىتالىيىگە قېچىپ كېلىپ قۇرغانمىش. كېيىن تەرەققى قىلىپ ئاۋات - باي شەھەرگە ئايلىنىپ، <ئىككىنچى رىم> دېگەن نامغا ئىگە بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى سامنىئۇم ئۇرۇشى، ئاساسەن، رىملىقلار بىلەن سامنىلار ئوتتۇرىسىدا كاپۇيە ۋە كامپۇنىيە رايونىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى تالىشىش ئۇرۇشى بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا رىملىقلار غەلىبە قىلغان. ئىككىنچى قېتىملىق پوئېنى ئۇرۇشى مەزگىلىدە(مىلادىدىن ئىلگىرى 208 - 201) كاپۇيە بىر مەھەل گاننىبالغا قارىغان، كېيىن رىمنىڭ قاتتىق ئۆچ ئېلشىغا ئۇچرىغان. رىم ئىمپېرىيىسى دەۋرىگە كەلگەندە، يەنىلا ئىتالىيەنىڭ مۇھىم سودا - سانائەت چوڭ شەھىرىگە ئايلانغان؛ رىم شەھىرىدىن بېنېۋېنت (جەنۇبىي ئىتالىيە پورتى)قا بارىدىغان <ئاپپىي چوڭ يولى>مۇ كاپۇيىنى تۈگۈن قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.