Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كاپپادوسىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى卡帕多细亚
kǎ pà duō xì yà
كىچىك ئاسىيا شەرقىي قىسىم ئېگىزلىك رايونىنىڭ قەدىمكى نامى. ھىتت پادىشاھلىقىنىڭ ئورنى. خالىس دەرياسى (يەنى بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى قىزىل دەرياسى)بۇ رايوننى كېىسىپ ئۆتىدۇ. كۆپ قىسىم يەرلىرى ئورمان، يايلاق بولۇپ، يەر ئاستىدا مول كۈمۈش، مىس، تۆمۈر رۇدىلىرى بار. مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا <ئىپتىدائىي ھىتتلار> بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان. مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا بۇ رايونغا ھىندى - ياۋرۇپا تىللىرىدا سۆزلىشىدىغانلار، روۋى تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار ھىتت تىلىدا سۆزلىشىدىغانلار، كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىغان. ھاتتۇشاش (بۈگۈنكى تۈركىيىدىكى بۇغازكۆي) شەھىرى مىلادىدىن ئىلگىرى ⅦⅩ ئەسىردىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅢⅩ ئەسىرلەردە ھىتت پادىشاھلىقىنىڭ پايتەختى بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىردە بۇ رايون ئاسسۇرىيە ئىمپېراتورلۇقىغا قوشۇۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە كاپپودوسىيە پېرسىيە، ماكېدونىيە، رىم تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى卡帕多恰
kǎ pà duō qià
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.