Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاپالەت پۈتۈمى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دەسلەپكى چاغلاردا يولغا قويۇلغان پۈتۈملەرنىڭ بىر خىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ پۈتۈم مەزمۇنى بويىچە تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلىدۇ: (1) جىسمانىي كاپالەت پۈتۈمى. بۇ ھەق تەلەپ ۋە سودا دەۋاسىغا تەتبىق قىلىنىدۇ. كېپىللىك قىلغۇچى قەرزدار (ھاۋالە قىلغۇچى) ياكى ئۇنىڭ ۋەكالەتچىسىنىڭ مەھكىمە شەرئىگە بېرىپ سوراقنى قوبۇل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ قەرزىگە جاۋابكار بولمايدۇ. قەرزدار مەھكىمە شەرئىگە بېرىشنى رەت قىلسا، كېپىللىك قىلغۇچى ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېپىللىك قىلغۇچى ياكى قەرزدارنىڭ بىرى ئۆلۈپ كەتسە، كېپىللىك مەجبۇرىيىتى ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالىدۇ. (2) قەرز كېپىللىك پۈتۈمى. كېپىللىك قىلغۇچى قەرز بەرگۈچىگە قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرزنى ئادا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا كېپىللىك بېرىدۇ. لېكىن، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئورنىدا قەرز تۆلەش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ. قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىسە ياكى قەرزنى قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، كېپىللىك قىلغۇچى ئۇنىڭ مۇقىم مۈلكىنى قەرزگە تۇتۇپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق بولىدۇ. بەزىدە بۇ مەزمۇن جىسمانىي كېپىللىك پۈتۈمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى ياقلىمىلىق مەزمۇنغا ئىگە قىلىنىدۇ.