Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كانزىتھا
دۇنيا تارىخى
江喜 佗
jiāng xǐ tuó
(تەخمىنەن 1042 - 1112) بىرما پاگان خاندانلىقى پادىشاھى (1084 - 1112). ئاناۋاراتانىڭ ئوغلى. ياش ۋاقتىدا ئاتىسىغا ئەگىشپ، ئۇرۇشقا چىقىپ، خىزمەت كۆرسەتكەن. كېيىن خەلق ئارىسىدا سەرگەردا بولۇپ يۈرگەن، ئاناۋراتا ئۆلگەندىن كېيىن جەنۇبتىكى بويسۇندۇرۇلغان مونلار قوزغىلىپقارشى چىققان، بىرما پادىشاھى ساۋالۇ (1077 - 1084) مەغلۇپ بولۇپ ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ، ئەسكەر تارتىپ چىقىپ مونلارنىڭ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 1084 - يىلى پادىشاھلىق تەختىگە چىققان. تەختتە بولغان مەزگىلدە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى قوغدىغان؛ دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتكەن. بۇددىزمنى داۋاملىق ئۇلۇغلاپ، 1090 - يىلى مەشھۇر ئاناندا ئىبادەتخانىسى سالدۇرغان. 1106 - يىلى (سۇڭ سۇلالىسى چوڭنىڭ 5 - يىلى) جۇڭگوغا ئەلچى ئەۋەتىپ دوستلۇق ئالاقە ئورناتقان.