Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
砍砸器
دۇنيا تارىخى
چېپىش - يانجىش قورالى
تاش قورال دەۋرىدىكى قورال - سايمان. شەكلى كۆپ. ئادەتتە ياسىلىش ئۇسۇلى ئاددىي بولۇپ، تەبىئىي قورام تاش ياكى ياپىلاق تاشنىڭ چېتىدىغان قېلىنراق بىس چىقىرىلىپ، قالغان يېرى ساپ قىلىنپ، نەرسىلەرنى چېپىش - يانجىشقا ئىشلىتىلگەن. كۆپرەك كونا تاش قوراللار دەۋرى ۋە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت خارابىلەردە كۆرۈلىدۇ.