Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كانتېربۇرى تۈزلەڭلىكى
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر坎特伯里平原
kǎn tè bó lǐ píng yuán
يېڭى زېلاندىيە جەنۇبىي ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 70 كىلومېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 240 كىلومېتىر كېلىدۇ، مەيدانى تەخمىنەن 12 مىڭ 400 كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك غەربتىن شەرققە قاراپ تەدرىجىي پەسلەپ بارىدۇ. بۇ جاي يېڭى زېلاندىيىنىڭ مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ھېسابلىنىدۇ، بۇغدايدىن باشقا يەنە قوي، كالا گۆشى، يۇڭ، سۈت قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. كرايىست چېرىچ بۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ شەھىرى، لېتتېرتون مۇھىم پورتى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.