Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانتودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيەنىڭ كانتودىكى قاتتىق يەر تەۋرەش. 1923 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى سائەت 11 دىن 58 مىنوت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. تەۋرەش مەنبەسى ساگامى قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى 28 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جاي بولۇپ، تەۋرەش دەرىجىسى 9.7 بال، ئەڭ يۇقىرى تەۋرەش سۈرئىتى 7 بولغان، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغان رايون بىر مەركىزىي شەھەر، توققۇز ناھىيە (كانتو رايونى ۋە ياماناشى، شىزۇكا قاتارلىق ناھىيىلەر). ئۆلگەن ھەم ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر 140 مىڭ كىشى، 570 مىڭ ئائىلىنىڭ ئۆيى ۋەيران بولغان ياكى يېرىم ۋەيران بولغان. تەخمىنەن 6 مىليارد 5 يۈز مىليون ياپونىيە يىنى ئىقتىسادىي زىيان بولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن جايلاردا ئوت ئاپىتى بولۇپ، 440 مىڭ ئائىلنىڭ ئۆيى كۆيۈپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە توكيودا ئۇدا ئۈچ كۈن زور ئوت ئاپىتى بولغان. كۆيۈش دائىرىسى 3830 گېكتار بولۇپ، ئوتنىڭ يېيىلش سۈرئىتى سائىتىگە 18 - 820 مېتىر بولغان، يوكوخامادا كۆيۈش كۆلىمى 950 گىكتار بولۇپ، ئۇ ئۇمۇمىي ئۆي - جاي كۆلىمىنىڭ 75 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. يوكوسۇكادا 2220 كورپۇس ئۆي كۆيۈپ كەتكەن؛ ئۇداۋارا (تەۋرەش مەنبەسى رايونى)دا 4199 كورۇس ئۆي كۆيۈپ كەتكەن. يەر تەۋرىگەندىن كيىنكى ئىككىنچى كۈنى قۇرۇلغان ياماموتو گوننوھيوئې كابىنېتى بىر تەرەپتىن <مالىيە ساھەسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كېتىشى> نىڭ ئالدىنى ئېلىش دېگەن نام بىلەن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىلپ، چوڭ كاپىتالستلارنى قۇتقۇزسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئارمىيە، ساقچى ۋە لۈكچەكلەرنىڭ ئىنقىلابي ئىشچىلارنى ۋە چاۋشيەن مۇھاجىرلىرىنى قىرغىن قىلىشىغا يول قويۇپ، كىشىنى چۆچىتىدىغان ئاق تېررورلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. <كامېدو ۋەقەسى> ۋە <ئاماكاسۇ ۋەقەسى> گە قارالسۇن.