Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
كانساس ئىچكى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
堪萨斯内战
kān sà sī nèi zhàn
1854 ـ 1856 - يىللاردا ئامېرىكىدىكى ئەركىن تۇپراق پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ قۇلدارلار بىلەن قىلغان ئۇرۇشى. <كانساس - نېبراسكا قانۇنى> ماقۇللانغاندىن كېيىن، قۇلدارلار كانساسقا قۇللارنى كۆچۈرۈپ، بۇ شتاتنى قۇللۇق شتاتقا ئايلاندۇرغان ھەمدە نېبراسكىنى ئەركىن تۇپراق پارتىيسىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، ئەمما ئەركىن تۇپراق پارتىيىسى ئۇنى رەت قىلغان ھەمدە <كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتى>نى قۇرۇپ كانساسقا ئاھالە كۆچۈرگەن. 1854 - يىلى 10 - ئايدا ئۇرۇش پارتلاپ، ھەرئىككى تەرەپ ھۆكۈمەت قۇرغانلىقىنى جاكارلىغان. 1856 - يىلى 11 ـ ئايدا ئۇرۇش ۋاقىتلىق توختىتىلغان. بۇ، قۇلدارلار بىلەن قۇلدارلاغا قارشى كۈچلەر ئارىسىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئاشكارا قوراللىق كۈچ سىنىشىش بولۇپ، بەزىلەر ئۇنى شىمال - جەنۇب ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارايدۇ.