Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
康帕内拉
دۇنيا تارىخى
كامپانېللا
(1568 - 1639)، ئىتالىيىلىك مۇتەپەككۇر، دەسلەپكى خىيالىي سوتسىيالىزمچى. كالابرىيە رايونىدا تۇغۇلغان. 1582 - يىلى ئورتودوكسال دومىنىكا جەمئىيىتىدىكى موناخقا ئايلىنىپ، موناستىرغا كىرىپ پەلسەپە بىلەن تېنولوگىيىنى تەتقىق قىلغان. 1591 - يىلى <سەزگۈ ئەزا پەلسەپىسى> دېگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرغان. بۇ كىتابتا مەدرىس پەلسەپىسىگە قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، دىنىي سوت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئىتالىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن. كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينى ۋاقىتتا جەنۇبىي ئىتالىيىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئىسپانىيەنىڭ ھابسبۇرگ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنغان. خائىننىڭ ساتقىنلىقى ئارقىسىدا، 1599 - يىلى دىنىي سوت تەرىپىدىن ئۆمۈرۋايەت قاماقتا يېتىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1601 - يىلى نېئاپول تۈرمىسىدە دەسلەپكى مەزگىللىك خىيالىي سوتسىيالىزمنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن بولغان <قۇياش شەھىرى>نى يېزىپ پۈتتۈرگەن (1623 - يىلى نەشر قىلىنغان). ئۇ بۇ ئەسەردە قۇياش شەھىرىدە خۇسۇسىي مال - مۈلۈكنىڭ بولمايدىغانلىقى، ھەممە ئادەمنىڭ ئەمگەك قىلىدىغانىقى، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ئېتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىنىدىغانلىقى، ھەربىر ئادەمنىڭ كۈندە 4 سائەت ئىشلەپ، قالغان ۋاقىتنى كىتاب ئوقۇشقا، كۆڭۈل ئېچىشقا سەرپ قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇ ئىتالىيدىكى تۆۋەن قاتلام خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئەمما قۇياش شەھىرىدە <دانىشمەنلەر سىياسىسى>يولغا قويۇلۇپ، پەقەت چوڭ ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە <دانا>لارلا ئەڭ ئالىي باشقۇرغۇچى (<قۇياش> دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە ئۇنىڭ ئۈچ نەپەر ياردەمچىسى بولىدۇ ھەمدە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن جىسمانىي ئەمگەكنىڭ پەرقى مەۋجۇت بولىدۇ، ۋەھاكازالار. 1626 - يىلى ئۇ تۈرمە تۇرمۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، رىمغا بارغان. كېيىن فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ ياشىغان ۋە پارىژدا ئۆلگەن.