Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
康茂德
دۇنيا تارىخى
كوممودۇس
(161 - 192). قەدىمكى رىم پادىشاھى (180 - 192). ماركۇس ئانتونىنۇسنىڭ ئوغلى. لانۇۋىئۇم (رىم شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا) دا تۇغۇلغان. مىجەزى قوپال ۋە زالىم بولۇپ، سىرتقا قارىتا كودلار ۋە ماكمانىلار (شىمالىي گېرمان مىللىتىگە كىرىدۇ) بىلەن ئۇرۇش قىلشنى تاشلاپ قويۇپ، چېگرا ئەنسىز ھالەتتە قالغان. ئىچكى ئىشلاردا ئەتىۋارلىق ۋەزىرلەر ھۆكۈم سۈرۈپ، ئەيمەنمەي زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلغان. 183 - يىلى سىڭلىسى لۇسىللا ئۇيۇشتۇرغان سۈيقەستچىلەر ھەرىكىتىنى باستۇرغاندىن كېيىن، تېخىمۇ مۇستەبىتلەشكەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا پۇقرالارغا ئۆزىگە خۇددى ئىلاھ گېراكىلغا چوقۇنغاندەك چوقۇنۇشنى بۇيرۇغان. دائىم سىرك مەيدانىغا كىرىپ تاماشا قىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئاخىرى بىر گلادىئاتور تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن (يەنە بىر ئېيتىلىشچە، ئوردىدا ئۆلتۈرۈلگەن). ئانتونىئۇس سۇلالىسى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشقان.