Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
康国
دىن
kāng guó
伊
ئىسلام دىنى
سۇغدىيانە
دۇنيا تارىخى
سۇغدىيانا
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەت. يەنى كانجوت جاۋۇپ دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. ھازىرقى سەمەرقەند رايونىدا. جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرىدا بىرقانچە خىل ئېلىنغان بولسىمۇ ھەممىسى، <سەمەرقەند>نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ زېمىنى غەربنىڭ تارىخ كىتابلىرىدىكى سوغدىيانادىن ئىبارەت. مىلادى Ⅴ ئەسىردە ئېفتالىتلار تەرىپىدىن ئىستېلا قىلىنغان. Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۈركلەر ئېفالىت دۆلىتىنى يوقاتقاندىن كېيىن، تۈركلەر تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان. سودا تەرەققى قىلغان بولۇپ، <يىپەك يولى> ئۇنىڭ زېمىنىنى كېسىپ ئۆتكەن. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرنى تارمار قىلغاندا،تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولغان، تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ زېمىنىدا كانكىيە تۇتۇق مەھكىمىسىنى قۇرغان. 712 - يىلى ئەرەبلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ياردەم سورىغان،تاڭ سۇلالىسى ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى ئېتىبارسىزقالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئەرەب ئېمپېرىيىسىگە قارام بولۇپ كەتكەن.
تارىخ
kāng guó
سەمەرقەند