Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
康弗诺尼埃里
دۇنيا تارىخى
كونفالونىئېرى
(1785 - 1846)، ئىتالىيىلىك ۋەتەنپەرۋەر، لومباردىيە - ۋېنتسىيە رايونى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاقسۆڭەك لىبېرال داھىيلىرىدىن بىرى. 1814 - يىلدىن ئىلگىرى، فرانسىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە رەھبەرلىك قىلغان. كېين يەنە ئاۋسترىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1818 - يىلىدىن كېيىن مەخپىي تەشكىلات - <ئىتالىيە ئىتتىپاقى> غا رەھبەرلىك قىلىپ، ئاۋسترىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، لومباردىيە - ۋېنتسىيىنى ئازاد قىلىش ھەمدە شىمالىي ئىتالىيىدە پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق دۆلەت قۇرۇشنى كۆزلىگەن. 1821 - يىلى قولغا ئېلىنغان، كېيىن ئاۋسترىيىدە ئۇزاق مۇددەت قامالغان. 1835 - يىلى ئامېرىكىغا قاچاق بولۇپ بارغان، 1837 - يىلىنىڭ بېشىدا ياۋرۇپاغا قايتىپ كەلگەن. <ئەسلىمە ۋە خەتلەر> دېگەن ئەسىرى بار.