Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
坎登
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
kǎn dēng
كاندېرن
دۇنيا تارىخى
كامدېن
(1551 - 1623) ئەنگلىيىلىك تارىخشۇناس. دەسلەپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ماگدالون ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، كلاسسىك تەربىيە كۆرگەن. كېيىن لوندونغا كېلىپ ۋېستمىسنتر مەكتىپىدە مۇئەللىملىك قىلغان ۋە بىر مەزگىل مەكتەپ مۇدىرى بولغان. مەدەنىي يادىكارلىقلارنى توپلاپ ساقلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىككى ئەسىرى بار، بۇنىڭ بىرى - <برىتانىيە تەزكىرىسى> بولۇپ، لاتىنچە يېزىلغان، دەسلەپ 1586 - يىلى نەشىر قىلىنىپ، 1610 - يىلى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىنغان. كىتابتا برىتانىيە ئارىلىنىڭ تاغ - دەريالىرى، يەر شەكلى، مەشھۇر يادىكارلىقلىرى، تارىخىي ھېكايىلەر، ئېتنوگرافىيىسى ۋە قائىدە - قانۇن تۈزۈملىرى قاتارلىقلار قىسقىچە بايان قىلىنغان. يەنە بىرى <كورۇلىۋ ئىلىزابىت دەۋرىدىكى ئەنگلىيە، ئىرلاندىيە تارىخى> بولۇپ، 1615 - يىلى نەشىر قىلىنغان. كىتابتا ئىلىزابىتقا باھا بېرىشىدە كۆپرەك ئوشۇقچە مەدھىيە بىلەن تولغان.