Uyghurئاساسىي لۇغەت
كانارىس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1790 - 1877) گرېتسىيە دېڭىز ئارمىيىسى قوماندانى، 1821 - 1829 - يىللاردىكى گرېتسيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1824 - يىلى تۈركىيە دېڭىز فلوتىنى يوقىتىش ئۇرۇشىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن. 1826 - يىلى مىللىي پارلامېنتقا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان. 1843 - 1844 - ۋە 1854 - يىلللىرى دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. پادىشاھلىق ئىستىبداتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىش كۈرىشىگە قاتناشقان. 1864 - 1865 - ۋە 1877 - يىللىرى ئىككى قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان