Uyghurئاساسىي لۇغەت
كاموررا
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيانچە Camorra نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، پوپوزا قىلىپ تارتىۋېلىش، زورلۇق - زۇمبۇلۇق قىلىشتىن ئىبارەت قانۇنسىز ھەرىكەت دېگەن مەنىدە. ئىتالىيىنىڭ نېئاپول رايونىدىكى شەھەرلەردە ھەرىكەتلىنىدىغان مەخپىي سۈيىقەستچى تەشكىلات. ئىچكى قىسمىدا قاتتىق دەرىجە ئايرىمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قانۇن - نىزامى، قارا سۆزى بار. كەڭ دائىرىدە تارماق ئورگانلارنى قۇرغان. بۇ تەشكىلات كۆپ زامانلار بۇرۇن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، تېگىنى ئېنىلىغىلى بولمايدۇ. ئىسپانىيىدىكى بوربون خاندانلىقى نېئاپولغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ئۇ تەشكىلاتنى ئاشكارا قوللىغان. 1815 - يىلى بوربون خان جەمەتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. پائالىيتى تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ ھۆكۈمەتنى پايلاقچىلار، كاللىكېسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ، فېئودالىزمغا قارشى سىياسىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش ھەم ئۇلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا پائال قاتناشقان، يەنە قىمار باشقۇرغان، سودىگەرلەرنى قاقتى - سوقتى قىلغان، يول توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلغان، ھەتتا پارلامېنت سايلاملىرىنىمۇ چاڭگىلىغا كىرگۈزىۋالغان. 1061 - يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن مەنئىي قىلىنغان. 1864، 1874، 1883 - يىللىرى كۆپ قېتىم زەربىگە ئۇچرىغان. 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قايتا باش كۆتۈرەلمىگەن، تەشكىلاتنىڭ قالدۇق كۈچىلىرى رىكاتىتورى قاقتى - سوقتىچىى باندىتلر تەشكىلاتىنى قۇرغان.